ت ر ت ئېكرانلىرىدا 1921-يىلى سىمۋول قىلىنغان «بىر ئاۋاز بىر يۈرەك» پىروگراممىلىرى قويۇلىدۇ

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى- ت ر ت ئىستىقلال مارشى قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ 100-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 1921-يىلىغا سىمۋول قىلىپ، ئەنقەرە ۋاقتى 19:21 دە «بىر ئاۋاز بىر يۈرەك» پىروگراممىسى تارقىتىدۇ.

1600155
ت ر ت ئېكرانلىرىدا 1921-يىلى سىمۋول قىلىنغان «بىر ئاۋاز بىر يۈرەك» پىروگراممىلىرى قويۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت 1921-يىلىغا سىمۋول قىلىپ، ئەنقەرە ۋاقتى 19:21 دە «بىر ئاۋاز بىر يۈرەك» پىروگراممىسى تارقىتىدۇ.

ت ر ت نىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىل كۈرىشىنىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىكىنىڭ سىمۋولى بولغان ئىستىقلال مارشى قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ 100-يىللىقى مەزگىلىدە ئالاھىدە مەزمۇنلىق پىروگراممىلار تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىدا بولىدىكەن.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 2021-يىلىنى «مەھمەت ئاكىف ۋە ئىستىقلال مارشى يىلى» دەپ ئېلان قىلىشى بىلەن بۈگۈن ئۈچۈن ئالاھىدە مەزمۇنلىق پىروگراممىلارنى تەييارلىغان ت ر ت، ئەنقەرە ۋاقتى 19 دىن 21 مىنۇت ئۆتكەندە 12-مارت مەخسۇس ئىستىقلال مارشى پىروگراممىسىنى تېلېۋىزىيە ۋە رادىيو قاناللىرىدا بىرلا ۋاقىتتا تارقىتىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەشتەپە خەلق كونگرە ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «مەھمەت ئاكىف ۋە ئىستىقلال مارشى يىلى» پىروگراممىسىمۇ بۈگۈن (2021-يىلى 12-مارت) ئەنقەرە ۋاقتى 21:30 دا ت ر ت ئاۋاز دا، 23:45 تە ت ر ت 1 دە قويۇلىدۇ.

ت ر ت ھۆججەتلىك فىلىم قانىلىدا بۈگۈن ئەنقەرە ۋاقتى 17:25 تە قويۇلىدىغان «ئاكىف» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە، ئىستىقلال مارشىنىڭ ئاپتورى شائىر مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ بالىلىق مەزگىلى بىلەن ھاياتى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

«1-ت ر ت رادىيو» بىلەن ھۆججەتلىك پىروگرامما رادىيولىرى بۈگۈن كۈن بويى مەخسۇس مېھمانلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تارقىتىلىدىغان پىروگراممىلىرى بىلەن، ئىستىقلال مارشىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ۋە مەھمەت ئاكىف ئەرسوينى تونۇشتۇرىدۇ.

«ت ر ت خەبەر» قانىلى كۈن بويى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتنىشىشىدا، مەھمەت ئەرسوي بىلەن ئىستىقلال مارشى قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ 100-يىلى ھەققىدىكى پىروگراممىلارنى تارقىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر