گېرمانىيەدە مۇسۇلمانلارغا سايلاملارغا قاتنىشىشى چاقىرىق قىلىندى

گېرمانىيە مۇسۇلمانلار مەركىزىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئايمان مازيېك بۇ يىلنىڭ گېرمانىيەدە دەرىجىدىن تاشقىرى سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر يىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلارنى سايلاملارغا قاتنىشىشقا چاقىردى.

1590262
گېرمانىيەدە مۇسۇلمانلارغا سايلاملارغا قاتنىشىشى چاقىرىق قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مازيېك، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، بۇ يىل گېرمانىيەدە ھەم ئۆلكىلىك ھەم ئومۇمىي سايلاملارنىڭ  ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تەخمىنەن 2 مىليون مۇسۇلمان سايلىغۇچىنىڭ سايلامغا قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى، ھەمدە بۇ مەقسەتتە «مېنىڭ ئاۋازىم مۇھىم» شوئارى ئاستىدا سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز گېرمانىيەنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلىنىمىز، سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىمىز ئارقىلىق دېموكراتىيە ۋە ئاساسلىق ئەركىنلىكلەر تەرەپدارى ئىكەنلىكىمىزنى نامايەن قىلماقچىمىز، ئىشلىتىلمىگەن ھەر بىر ئاۋاز گېرمانىيەنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئوڭچىل ۋە ئاۋامچىلارغا بېرىلگەن بولىدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، گېرمانىيەدە فېدېراتسىيە پارلامېنت سايلاملىرى 26-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ يىل 6 ئوخشىمىغان ئۆلكىدىمۇ پارلامېنت سايلاملىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر