«قەتئىي ئىرادە» مارسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى- ناسا (NASA)، «قەتئىي ئىرادە» ناملىق تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ مارسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1586758
«قەتئىي ئىرادە» مارسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناسانىڭ بىر توننا ئېغىرلىقتىكى «روۋېر» (Rover) تىپلىق ئالەم ماشىنىسى «قەتئىي ئىرادە»، تەخمىنەن يەتتە ئايلىق سەپەردىن كېيىن، شەرقىي ئامېرىكا ۋاقتى 15 تىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە مارسقا قوندى.

ناسا «قەتئىي ئىرادە» نىڭ مارسقا قونۇش جەريانىنى تېلېۋىزىيەدە تارقاتتى. ئۇزۇن مۇساپە سەۋەبىدىن مارسقا قونۇشنىڭ تۇنجى كۆرۈنۈشلىرى تەخمىنەن 11 مىنۇت كېچىكىش بىلەن كۆرۈرمەنلەرگە يەتكۈزۈلدى.

ناسانىڭ فلورىداغا جايلاشقان كېيىپ كاناۋېرال (Cape Canaveral) ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن 2020-يىلى 30-ئىيۇن قويۇپ بېرىلگەن «قەتئىي ئىرادە»، تەخمىنەن 470 مىليون كىلومېتىرلىق سەپەردىن كېيىن، پىلان قىلىنغان ۋاقىت بويىچە مارسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى.

ناسا بىر كۈن بۇرۇن «قەتئىي ئىرادە» نىڭ توغرا لىنيەدە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ۋە مەسىلىسىز قونۇشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«قەتئىي ئىرادە» دە 20 دانە كامېرا ۋە بىر جۇپ مىكروفون بار بولۇپ، يەر شارىغا نۇرغۇن ئالاھىدە كۆرۈنۈشلەرنى ئەۋەتىدىغانلىقى، سۈرەتكە ئالالايدىغان كىچىك تىك ئۇچارنى ئۇچۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا «قەتئىي ئىرادە» بىلەن جەمئىي توققۇز قېتىم مارسقا تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ئەۋەتكەن بىردىنبىر دۆلەت بولۇپ قالدى.

«بايقاش» (InSight) ۋە «قىزىقىش» (Curiosity) ناملىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ھازىرمۇ مارس ئوربېتاسىدا خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر