ئانتاليا ھوللىۋود چولپانلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا

ساياھەت پايتەختى ئانتاليا ھوللىۋود چولپانلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

1561781
ئانتاليا ھوللىۋود چولپانلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2016- يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن ئانتاليادىكى تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرمەنكە رايونى — ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى ناھايىتى چوڭ كىنو – فىلىم سۈرەتكە ئېلىش ئورنىغا ئايلاندۇرۇلماقتا.

داڭلىق رېژىسسور گاي رىتچى بىلەن داڭلىق ئارتىس جەيسون ستاتھامنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان ئېلىشىش فىلىمى — «بەش كۆز» ئانتاليادا سۈرەتكە ئېلىنىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرى ئاقسۇ ناھىيەسىدىكى «گۈل ۋە بالا» تېمىلىق مەدەنىيەت پائالىيىتىگە ساھىبخانلىق قىلغان 121 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ساھە كىنو – فىلىم ئىستۇدىيەلىرىگە ئايلاندۇرۇلماقتا.

ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ شەھەرنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئوق چىقىرىدىغانلىقى بايان قىلىندى.

فىلىمنىڭ بەزى قىسىملىرىنىڭ شەھەرنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا سۈرەتكە ئېلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر