2021 – يىلى «ئىستىقلال مارشى يىلى» بولىدۇ

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشى 2021 – يىلىنى «ئىستىقلال مارشى يىلى» قىلىپ بېكىتتى.

1551138
2021 – يىلى «ئىستىقلال مارشى يىلى» بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشى، پارلامېنت باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ۋە 5 سىياسىي پارتىيەنىڭ ئىمزاسى بىلەن سۇنۇلغان تەكلىنامە ئارقىلىق 2021 – يىلىنىڭ، «ئىستىقلال مارشى يىلى» بولۇشىنى قارارلاشتۇردى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدا، پارلامېنت باشلىقى مۇستافا شەنتوپ تۇنجى ئىمزا ساھىبى بولغان ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ۋە ئىيى پارتىيە (ياخشى پارتىيە) تەرىپىدىن ئىمزالانغان تەكلىپنامە ئارقىلىق، 2021 – يىلىنىڭ «ئىستىقلال مارشى يىلى» بولۇشى نىشان قىلىنغان قارارنامە قوبۇل قىلىندى.

قارارنامە ئارقىلىق، 2021 – يلى «ئىستىقلال مارشى يىلى» بولىدۇ. 2021 – يىلى بويىچە بارلىق دۆلەت ئورۇنلىرى ۋە ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىستىقلال مارشىنىڭ ئۇقۇمى ۋە «مۇستەقىللىق ئۇرۇشى» نىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە، خەلقنىڭ ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا، «ئىستىقلال مارشى» نىڭ قوبۇل قىلىنىشى ۋە مىللىي شائىر مەھمەت ئاكىف ئەرسوينى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تەكلىنامىدە، 2021 – يىلىنىڭ «ئىستىقلال مارشى يىلى» قىلىپ بېكىتىلىش سەۋەبىنىڭ، ئىستىقلال مارشىنىڭ، بۈيۈك شائىر ۋە داۋا ئەربابى مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ، ئۆز ۋاقتىدا ئانادولۇنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان مىللىي كۈرەش روھى ۋە پىداكارلىقنى ئەكس ئەتتۈرگەن، ھەمدە ئاشۇ مىسلىسىز كۈرەشكە جۇشقۇن كەيپىيات ۋە ھاياجان قازاندۇرغان ئالەمشۇمۇل ئەسىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ئىستىقلال مارشى» نىڭ زالىمغا، ئىشغالچىغا ۋە مۇستەملىكىچىگە باش ئەگمىگەن ۋە دۇنياغا دۇئېل ئېلان قىلغان بىر تىركىشىش داستانى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن تەكلىپنامىدە، مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ مىراسلىرىنىڭ، مىللىي كۈرەشنىڭ روھىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان، پەقەت ئېغىزىدىلا ئەمەس، ئۇقۇمى ۋە ھەقىقىتى بىلەنمۇ ھەردائىم ياشاپ كېلىۋاتقان بىر خىل جۇشقۇن كەيپىيات ۋە ھاياجاننى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر