«سپېيس ئېكس» ئالەمگە 60 سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى

ئامېرىكانىڭ راكېتا، سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئالەم كېمىسى ئىشلەپچىقارغۇچىسى «سپېيس ئېكس» (SpaceX) شىركىتى، ستارلىنك ئىنتېرنېت سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ پارچىسى بولغان 60 ئۇچۇر-ئالاقە سۈنئىي ھەمراھىنى ئالەمگە قويۇپ بەردى.

1511762
«سپېيس ئېكس» ئالەمگە 60 سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سپېيس ئېكس شىركىتى ئالەمگە 60 سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرگەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

 باياناتتا، ستارلىنك تورىنىڭ 60 سۈنئىي ھەمراھ گۇرۇپپىسىنىڭ، سپېيس ئېكس ياسىغان «9-فالكون» (Falcon) راكېتاسى بىلەن فلورىدا ئىشتاتىدىكى كېننېدىي (Kennedy) ئالەم مەركىزىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، قايتا پايدىلانغىلى بولىدىغان «9-فالكون» راكېتاسىنىڭ، قويۇپ بېرىلىپ توققۇز مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، يەر شارىغا قايتقانلىقىنى ۋە شىركەتنىڭ ئاتلانتىك ئوكياندىكى لەيلىمە مۇنبەرگە چۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

بۇ «سپېيس ئېكس» نىڭ ستارلىنك سۈنئىي ھەمراھ تورى لايىھەسى رامكىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرغان 14-قېتىملىق ئالەمگە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشى بولۇپ قالدى.

«سپېيس ئېكس» شىركىتى ستارلىنك سۈنئىي ھەمراھلىرى بىلەن يەر شارى ئوربىتاسىدا، 12 مىڭ سۈنئىي ھەمراھ تورى قۇرۇشنى پىلان قىلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر لايىھەنىڭ 2027-يىلى تاماملىنىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر