سۇلتان ئابدۇلھەمىدخاننىڭ شەخسىي ئەشيالىرى كۆرگەزمىگە قويۇلدى
سۇلتان 2-ئابدۇلھەمىدخاننىڭ شەخسىي ئەشيالىرىدىن قىلىچ، قامچا، ياغاچچىلىق ئەسلىھەلىرى، تەسبىھلىرى ۋە ئالتۇن تامغىسى تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل بەشىكتاشقا جايلاشقان ساراي يادىكارلىقلىرى مۇزېيىغا قويۇلغان مىللىي سارايلار ئىدارىسى تەرىپىدىن يىلدىز (يۇلتۇز) سارىيى يادىكارلىقلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن سۇلتان 2-ئابدۇلھەمىدخاننىڭ قىلىچى، قامچىسى، ياغاچچىلىق ئەسلىھەلىرى، تەسبىھلىرى ۋە ئالتۇن تامغىسى بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق كۆرگەزمىگە قويۇلىدۇ. كۆرگەزمىگە قويۇلغان يادىكارلىقلار ئارىسىدىكى ئالتۇن تامغىنىڭ ئۈستىدە ئابدۇلھەمىدخاننىڭ مۆھۈرى بار.
كۆرگەزمىگە 99 ئۇرۇقلۇق ئىككى تەسبىھ قويۇلدى. بۇلاردىن بىرى ئۇد دەرىخىدىن ياسالغان ئالتۇن كۆز ئۆرۈلگەن تەسبىھ، يەنە بىرى سېرىق رەڭلىك كەھرىۋادىن ياسالغان زەنجىرلىرى كۈمۈش تەسبىھ.
ياغاچچىلىق ئەسلىھەلىرى بولسا، ئوخشىمىغان چوڭلۇق ۋە تۈرلەردىكى ياغاچچىلىق قەلەملىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەلىك ياش سۈنئىي چاچ ياساشتا جىنېس دۇنيا رېكورتىغا كىردى
نىگېرىيەلىك سۈنئىي چاچ ئۇستىسى ئۆزى ياسىغان «ئەڭ كەڭ سۈنئىي چاچ» جىنېس دۇنيا رېكورتىغا كىردى.