ئەردوغان ئارا گۈلەر كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كەستى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ياپونىيەنىڭ كيوتو شەھىرىدە «خەزىنىلەر ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدە لالە ئەنئەنىسى» تېمىلىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

1227473
ئەردوغان ئارا گۈلەر كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كەستى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى چاقىرىلغان ئوساكا شەھىرىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئەردوغان، ئارقىدىن قۇرۇقلۇق ئارقىلىق كيوتو شەھىرىگە باردى.

مۇزېيغا كەلگەندە ئالتېس مەلىكە ئاكىكو تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان ئەردوغان، ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان كىشىلەرگە سالام بەردى.

رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان ۋە ئالتېس مەلىكە ئاكىكو بىلەن بىرلىكتە كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، كۆرگەزمىدىكى ئەسەرلەر توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن ئۇچۇر ئىگىلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا زىيارىتى جەريانىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، سودا ئىشلىرى مىنىستىر رۇخسار پەكجان، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن قاتارلىقلار ھەمراھ بولدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «خەزىنىلەر ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدە لالە ئەنئەنىسى» تېمىلىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، كيوتو مىللىي مودېرن سەنئەت مۇزېيىدا ئالتېس مەلىكە ئاكىكو بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى؛ ئەمىنە ئەردوغانمۇ ئىشتىراك قىلغان يېپىق ئۇچرىشىشقا خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراقمۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر