ئۇكرائىنانىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بودرۇمدىكى دەم ئېلىشىنى ئاخىرلاشتۇردى

ئۇكرائىنانىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي (Vladimir Zelenskiy) ئائىلىسى بىلەن تۈركىيە مۇغلانىڭ بودرۇم ناھىيەسىدىكى دەم ئېلىشىنى ئاخىرلاشتۇردى.

1191562
ئۇكرائىنانىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بودرۇمدىكى دەم ئېلىشىنى ئاخىرلاشتۇردى
zelenskiy bodrum tatil.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بودرۇمنىڭ گۈۋەرجىنلىك مەھەللىسىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق بىر مېھمانخانىدا ئۈچ كۈن دەم ئالغان پىرېزىدېنت ۋلادىمىر زېلېنسكىي ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى، بۈگۈن (29-ئاپرېل) ئەتىگەندە مېھمانخانىدىن ئايرىلدى. پىرېزىدېنت ۋلادىمىر زېلېنسكىي مېھمانخانىدىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا، ئۇنى ئۇزاتقىلى كەلگەن مەسئۇللار بىلەن ئايرىم-ئايرىم قول ئېلىشىپ خوشلاشتى.

ئۇ مىلاس-بودرۇم ئايرودۇرۇمىدا تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن ناھىيەدىن ئايرىلدى.

بودرۇمدىكى دەم ئېلىشىنى گۈزەل خاتىرىلىرى بىلەن تاماملىغان ۋلادىمىر زېلېنسكىي ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى، بودرۇم مىلتا مارىنادىكى ئوجاكباشى رېستورانىدا، گۆشلۈك تائاملارغا ئېغىز تەگكەن ئىدى. رېستوران مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە كەيىپلىك ۋاقىت ئۆتكۈزگەن پىرېزىدېنت ۋلادىمىر زېلېنسكىينىڭ خۇشاللىقى، قازان بېشىغا ئۆتۈپ گۆش پىشۇرۇۋاتقاندا تارتىلغان فوتوگرافىدىمۇ ئەكس ئەتتى.

ۋلادىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى ئايلانما سايلامدا %73.22 ئاۋازغا ئېرىشىپ غەلىبە قىلدى. ھاكىمىيەت بېشىدىكى پېترو پوروشېنكو %24.45 ئاۋازغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر