سرېبرېنىتسا مۇراسىملىرىدا كىملىكى يېڭى ئېنىقلانغان قۇربانلار دەپنە قىلىنىدۇ

سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ 23-يىلىدا پوتوچارى خاتىرە قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدىغان كىملىكى ئېنىقلانغان 35 كىشىنىڭ يەرلىكى كولىنىپ تەييار بولدى.

1008921
سرېبرېنىتسا مۇراسىملىرىدا كىملىكى يېڭى ئېنىقلانغان قۇربانلار دەپنە قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپادا 2-دۇنيا ئۇرۇشى (1945-1939) دىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ئىنسانىيەت تىراگېدىيەسى دەپ ئاتالغان سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ 11-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدە دەپنە قىلىنىدىغان، كىملىكى ئېنىقلانغان 35 كىشىنى دەپنە قىلىش ئىشلىرىنىڭ تەييارلىقى ئاخىرلاشتى.

پوتوچارى خاتىرە قەبرىستانلىقىدا 11-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلىدىغان دەپنە مۇراسىمىدا ،بۇ يىل يەرلىككە قويۇلىدىغان قۇربانلاردىن ئەڭ كىچىكى 16 ياشلىق ۋەسىد ئىبرىج، ئەڭ چوڭى بولسا 71 ياشلىق ساھىن خالىلوۋىجتۇر.

دەپنە قىلىنىدىغانلار ئارىسىدا يەنە، ئورمان يولىدا يولدىشى بىلەن بىللە قاچقاندا ئالتە ئايلىق ھامىلە بولۇشىغا قارىماي سېرب قىسىملىرى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن رەمزىجا دۇدىجمۇ بار.

بۇ يىل (2018) پوتوچارى خاتىرە قەبرىستانلىقىدا 30-20 مىڭ كىشىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا مىيت نامىزى ئوقۇلىدۇ. پوتوچارى خاتىرە قەبرىستانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملاردا، بۈگۈنگىچە  6575 قۇربان دەپنە قىلىندى. بىراق، ئارىدىن 23 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ھازىرغىچە مىڭدىن ئارتۇق قۇرباننىڭ جەسىتى تېپىلمىدى.

ئادەم قاسسىپى راتكو ملادىچ قوماندانلىقىدىكى سېرب قىسىملىرى 1995-يىلى 11-ئىيۇل سرېبرېنىتسانى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ب د ت تارمىقىدىكى گوللاندىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا پاناھلىنىۋاتقان بوشناقلار سېربلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى.

سېرب قىسىملىرى ئايال ۋە بالىلارنىڭ بوشناق ئەسكەرلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونغا كېتىشىگە رۇخسەت قىلغان. شۇنداقتىمۇ ئەڭ ئاز دېگەندە 8372 بوشناقنى ئورمانلىقلاردا، زاۋۇتلاردا ۋە ئىسكىلاتلاردا ئۆلتۈرۈپ، ھەممىسىنى كۆمۈۋەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر