بايلار ئايالىدىن ئاجراشقاندا ئەڭ ئېغىر تۆلەم تۆلەشكە مەجبۇر قالىدۇ

ئەنگلىيە يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر مىلياردېرغا ئايالىغا 583 مىليون دوللار ئاجرىشىش بەدىلى تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

730955
بايلار ئايالىدىن ئاجراشقاندا ئەڭ ئېغىر تۆلەم تۆلەشكە مەجبۇر قالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە يۇقىرى سوت مەھكىىسى 61 ياشلىق بىر رۇسىيەلىك مىلياردېرنىڭ بۇرۇنقى ئايالىغا 453 مىليون پۇند (تەخمىنەن 583 مىليون دوللار) تۆلەشكە ھۆكۈم قىلدى. بۇنىڭ، ئەنگلىيە تارىخىدىكى ئاجرىشىش دەۋاسىدا چىقىرىلغان ئەڭ چوڭ تۆلەم تۆلەش توغرىسىدىكى ھۆكۈملەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلمەكتە.

سوتچى ئاجراشقان بىر جۇپنىڭ توي قىلغاندىن كېيىن تاپقان بايلىقلىرىنىڭ %41.5 نى ئايالغا بېرىشكە ھۆكۈم قىلدى.

سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆججەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيەلىك مىلياردېر بەش يىل بۇرۇن رۇسىيەنىڭ بىر ئېنېرگىيە شىركىتىدىكى 1 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق پاي چېكىنى سېتىۋەتكەن. سوت مەھكىمىسى ئاجراشقان بىر جۇپنىڭ نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى چەكلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قورامىغا يەتكەن ئوغۇللىرى بار ئىكەن. بىراق، كاۋكاز رايونىدىن بولغان رۇسىيەلىك مىلياردېرنىڭ كونا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سودىگىرى ئىكەنلىكى، 41 ياشلىق ئايالنىڭ شەرقىي ياۋروپالىق ئىكەنلىكى، 2000-يىلى ئەنگلىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلىكى بىلىنمەكتە. ئۇلار 1993-يىلى رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا تونۇشۇپ توي قىلغان ۋە شۇ يىلى لوندونغا ماكانلاشقان.

2014-يىلى ئەنگلىيەدە بىر سودىگەر ئاجراشقاندا، ئايالىغا 330 مىليون پۇند تۆلەم تۆلىگەن ئىدى. دۇنيادا بولسا، ئامېرىكا پۇقرالىقىدىكى فىرانسۇز كارخانىچى ئالېك ۋىلدېنستېيىن 1999-يىلى ئايالى جوسلىن ۋىلدېنستېيىنغا 3.8 مىليارد دوللار، ئاخباراتچىلىق ساھەسىدىكى چوڭ خوجايىن راپېرت مۇردوچ 31 يىل ئۆي تۇتقان ئايالى ئاننا بىلەن ئاجراشقاندا 1.7 مىليارد دوللار تۆلەم تۆلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر