ئەردوغان ئۆزى ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇغان بىر ۋىدېئونى ھەمبەھىرلىدى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستىقلال مارشى قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ 96-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىجتىمائىي تاراتقۇدا بىر مەنىلىك ئۇچۇرنى ھەمبەھىرلىدى.

689984
ئەردوغان ئۆزى ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇغان بىر ۋىدېئونى ھەمبەھىرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستىقلال مارشىنىڭ ئاپتورى مەھمەت ئاكىف ئەرسوي ۋە ئىستىقلال كۈرىشىنىڭ قەھرىمانلىرىنى رەھمەت بىلەن خاتىرىلىدى. ئۇ ئىستىقلال مارشىنى ئۆزى ئوقۇغان ۋىدېئونى ھەمبەھىرلىدى. بۇ ۋىدېئونى ئونمىڭلارچە ئادەم ياقتۇردى ۋە ھەمبەھىرلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇچۇرىدا: «ئىستىقلال مارشى ئاتا قىلغان روھ بىلەن، تۈركىيەنى ھەممىمىز بىرلىكتە 2023-يىل نىشانىغا ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك ئەتىلەرگە يەتكۈزۈشنى داۋام قىلىمىز» دېدى.

ئۇ ئىستىقلال مارشىنىڭ مىللىي كېلىشىم تېكسىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىستىقلال مارشىغا ئوخشاش تېكىستىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىمىزنى قانچىلىك شەرەپلىك ھېس قىلساق، قانچىلىك شۈكۈر قىلساق ئازلىق قىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر