باھاما ھۆكۈمىتى پەلەستىننى ئېتىراپ قىلدى
باھاما پەلەستىننى «مۇستەقىل دۆلەت» دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلدى.
2136937
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باھاما تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، باھا ھۆكۈمىتىنىڭ «پەلەستىنلىكلەرنىڭ سىياسىي سالاھىيىتىنى ئەركىن بەلگىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئەركىن داۋاملاشتۇرۇش ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.
باياناتتا، باھاما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوللايدىغانلىقى ۋە پەلەستىننى «دۆلەت» دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
باربادوس بىلىەن جامايكامۇ ئاپرېلدا پەلەستىننى «دۆلەت» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى قارار قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئۇكرائىنا ماي ئېيى كىرگەندىن بۇيان رۇسىيەنىڭ تۆت ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى
ئۇكرائىنا دونېتسىك رايونىدا رۇسىيەگە تەۋە Su-25 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى.