ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 34 مىڭ 535 كە يەتتى
ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززەگە قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 34 مىڭ 535 كە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 77 مىڭ 704 كە يەتتى.
2133749
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززە رايونىغا قىلىنغان 5 قېتىملىق ھۇجۇمدا 47 پەلەستىنلىكنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقى ۋە 61 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، 207 كۈندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملار تۈپەيلىدىن ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 34 مىڭ 535 كە ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ 77 مىڭ 704 كە قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.