ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ياۋروپا ئۈچۈن «يادرو قالقان» تەكلىپى قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ياۋروپا ئۈچۈن «يادرو قالقان» تەكلىپى، فىرانسىيەدە قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى.

2133738
ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ياۋروپا ئۈچۈن «يادرو قالقان» تەكلىپى قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچى سىياسىيونلار پىرېزىدېنت ماكروننىڭ فىرانسىيەنىڭ يادرو چېكىندۈرگۈچ كۈچىدىن «ئورتاق ياۋروپا مۇداپىئەسى» ئۈچۈن پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ماكروننىڭ ھەپتە ئاخىرىدا رايونلۇق رادىيو ئىستانسىسى «Ebra» ئېبراغا بەرگەن باياناتىدا، يادرو قوراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا «ئورتاق ياۋروپا مۇداپىئەسى» پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سولچىل فىرانسىيە  پارتىيەسى (LFI) نىڭ يازما باياناتىدا، ماكروننىڭ فىرانسىيەنىڭ يادرو چېكىندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىگە زىيان سالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويدى.

رادىكال ئوڭچىللارمۇ ماكروننىڭ «يادرو قالقان» تەكلىپىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى تېرري مارىئانىX  ئادرېسىدا، ماكروننىڭ بۇ سۆزلىرى تۈپەيلىدىن دۆلەت ئۈچۈن بىر خەۋپكە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

مەملىكەتلىك بىرلىك  پارتىيەسى  (RN) نىڭ رەھبىرى مارىن لې پېنمۇ فىرانسىيەنىڭ يادرو چېكىندۈرگۈچ كۈچىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان پىرېزىدېنتنىڭ فىرانسىيەلىكلەرگە يالغان سۆزلىگەن بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئەيىبلىدى.

فىرانسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئىچىدە بىردىنبىر يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا بولغان تايىنىشچانلىقى ئازايتىلغان  بىر «ئورتاق ياۋروپا مۇداپىئەسى» پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر