ب د ت: غەززەدە پارتىلىمىغان بومبىلار خەۋپ شەكىللەندۈرمەكتە

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە كۆپ ساندا پارتىلىمىغان بومبىلارنىڭ «ئەڭ چوڭ خەۋپ» شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقى توغرىلىق ئاگاھلاندۇردى.

2133757
ب د ت: غەززەدە پارتىلىمىغان بومبىلار خەۋپ شەكىللەندۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مىنا پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىش باشقارمىسىنىڭ پەلەستىن ئىشلىرى مەسئۇلى مۇنگو بىرچ، جەنۋەدە چاقىرىلغان « 27 – نۆۋەتلىك خەلقئارا مىنا  پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىش ئىشلىرى مەسئۇللىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەسلىھەتچىلىرى يىغىنى» دا قىلغان سۆزىدە، 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان  ئىسرائىلىيەنىڭ دەھشەتلىك ھۇجۇملىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان غەززەدە كۆپ ساندا پارتىلىمىغان بومبىلارنىڭ «ئەڭ چوڭ خەۋپ» شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقى توغرىلىق ئاگاھلاندۇردى.

بىرچ خەۋپنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كىشىلەر غەززەنىڭ شىمالىغا قايتىشقا باشلىغاندا ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

 «چۈنكى كىشىلەر پارتىلىمىغان بومبىلارنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا غەززەنىڭ شىمالىغا قايتىش باشلانغاندا خەۋپ ھەققىدە كىشىلەرنىڭ ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ تىنچلىق ھەرىكىتى ئىشلىرى مۇئاۋىن مەسئۇلى جېئان پىئېررې لاكروكس، ب د ت مىنا پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىش باشقارمىسىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك تىرىشچانلىقلار ۋە خەۋپ – خەتەرلەرنى ئېنىقلاپ چىقىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە غەززە ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ يەنىلا ناھايىتى مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر