شوتلاندىيەنىڭ مۇسۇلمان باش مىنىستىرى ئىستېپا بەردى

شوتلاندىيە باش مىنىستىرى ۋە شوتلاندىيە مەملىكەتلىك پارتىيەسى (SNP) نىڭ رەھبىرى ھەمزە يۇسۇف ھوقۇقىدىن ئىستېپا بەردى.

2133486
شوتلاندىيەنىڭ مۇسۇلمان باش مىنىستىرى ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شوتلاندىيە باش مىنىستىرى ھەمزە يۇسۇف شوتلاندىيە مەركىزى ئېدىنبۇرگدىكى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، باش مىنىستىرلىق ھوقۇقىدىن ۋە پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىنمۇ ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆتكەن ھەپتە پارتىيەسى بىلەن ھۆكۈمەتتىكى شېرىكى يېشىللار پارتىيەسى ئوتتۇرىسىدا ھوقۇق بۆلۈشۈش كېلىشىمىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، يېشىللار پارتىيەسى سەۋەب بولغان ئۈمىدسىزلىكىنى ئالدىن پەرەز قىلالمىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ھوقۇق تۇتۇش ئۈچۈن پىرىنسىپلاردىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى، كېلىشىم بىلەن ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى، ئەمما ھەپتە ئاخىرىدىكى ۋەزىيەتنى ئويلىغاندىن كېيىن، ئىستېپا بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى، ئورنىغا يېڭى باش مىنىستىر سايلانغىچە ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ شوتلاندىيە باش مىنىستىرى بولۇشنىڭ ئۆزى ئۈچۈن چوڭ شەرەپ ئىكەنلىكىنى ۋە شوتلاندىيەنىڭ ئەنگلىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشىغا يېقىن ھېس قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ھوقۇقىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا ئەڭ قورقۇنچلىق ئىنسانىي تىراگېدىيەلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان غەززەگە ئوخشاش دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئاۋازىنى ئاڭلىتالمايۋاتقانلارنىڭ ئاۋازى بولىمەن، پارتىيەمنىڭ خىزمەتلىرىنىمۇ يېقىندىن قوللايمەن، بولۇپمۇ شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى داۋاملىق قوللايمەن» دېدى.

ئۆتكەن ھەپتە شوتلاندىيە مەملىكەتلىك پارتىيەسى بىلەن يېشىللار پارتىيەسى بۇلغىما قويۇپ بېرىش پىلانىدا كۆرۈلگەن ئىختىلاپتىن كېيىن 3 يىل داۋاملاشقان ئىتتىپاق بۇزۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر