ھىزبۇللاھ ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى

ھىزبۇللاھ ھەرىكىتى ئىسرائىلىيەنىڭ «450-ھېرمىس» تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ لىۋاندا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2130484
ھىزبۇللاھ  ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىزبۇللاھنىڭ باياناتىدا، «لىۋاننىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ ھۇجۇم قىلماقچى بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ <450-ھېرمىس> تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئائىشيە رايونىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلدى» دېيىلدى.

ئىسرائىلىيەمۇ لىۋاندا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ ھۇجۇمنى جەزملەشتۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ لىۋان ھاۋا بوشلۇقىدا تۇرغان ۋاقىتتا يەر يۈزىدىن ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقى ۋە نەتىجىدە چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلگەن تەرەپكە قارىتا ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن قايتۇرما ھاۋا ھۇجۇمى قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ «دۆلەتنى قوغداش» ئۈچۈن لىۋان ھاۋا بوشلۇقىدا ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر