سىلوۋېنىيە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىدۇ
سىلوۋېنىيەنىڭ 13-ئىيۇنغىچە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش توغرۇلۇق قارار چىقىرىشى كۈتۈلمەكتە.
2137589
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سلوۋېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تانجا فاجون ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، سىلوۋېنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش يولىدا قەدەم تاشلىغانلىقىنى ۋە ئېتىراپ قىلىش قارارىنى 13-ئىيۇنغىچە سلوۋېنىيە پارلامېنتىغا سۇنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
فاجون مەزكۇر قارارنىڭ قەتئىي ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«ھۆكۈمىتىمىزنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. سلوۋېنىيە بۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىنى ئىككى دۆلەت ھەل قىلىش چارەسى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا سىگنال بېرىدۇ.»