لوندون شەھەر باشلىقى سادىق خان غەززە قىرغىنچىلىقى ھەققىدە جو بايدىن ۋە رىشى سۇناكقا خىتاب قىلدى

لوندوننىڭ مۇسۇلمان شەھەر باشلىقى سادىق خان ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى رىشى سۇناك ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىندىن غەززەدە ئېقىۋاتقان قاننى توختىتىش ئۈچۈن  ئۆز نوپۇزلىرىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

2130296
لوندون شەھەر باشلىقى سادىق خان غەززە قىرغىنچىلىقى ھەققىدە جو بايدىن ۋە رىشى سۇناكقا خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى داڭلىق ترافالگار مەيدانىدا بۇ يىل 19 – نۆۋەتلىك «مەيداندا ھېيت» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتنىڭ ساھىبخانى شۇنداقلا لوندوننىڭ مۇسۇلمان شەھەر باشلىقى سادىق خان مەيدانغا يىغىلغان مىڭلىغان كىشىلەرگە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا: «بۇ رامىزان، تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمى ۋە غەززەدە يۈز بەرگەن ۋەيرانچىلىق سەۋەبىدىن تولىمۇ تەستە ئۆتكەن بىر رامىزان بولدى» دېدى.

سادىق خان يەنە مۇنداق دېدى:

«ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ۋە ئېقىۋاتقان قاننىڭ توختىتىشىنى خالايمىز، ئۇرۇش توختىتىشنى خالايمىز، ئىسرائىلىيەگە قورال سېتىپ بېرىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز. باش مىنىستىر رىشا سۇناك ۋە پىرېزىدېنت جو بايدىن  بۇ ئۆلۈملەرنى توختىتىش ئۈچۈن ئۆز تەسىر كۈچىنى ئىشقا سالسۇن، دەيمىز»  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر