ھاماس سىياسىي بېيرۇسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە ئەردوغاننى مەدھىيەلىدى

ھەنىييە تۈنۈگۈن (20- ئاپرېل) ئىستانبۇلدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

2130308
ھاماس سىياسىي بېيرۇسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە ئەردوغاننى مەدھىيەلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس سىياسىي بېيرۇسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە، «(جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ) ئەردوغاننىڭ پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدىكى باياناتى، پەلەستىننى ئۆزلىرىنىڭ دەۋاسى دەپ قارايدىغان ۋە غەززەدىكى زۇلۇمغا قارشى تۇرغان بارلىق تۈركىيە خەلقىنىڭ ۋىجدانىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى» دېدى.

ھەنىييە ئەردوغاننىڭ پەلەستىن دەۋاسىغا قىلغان ياردەملىرىنى مەدھىيەلەپ: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ شۇنداقلا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت گۇرۇپپا يىغىنىدا ئېلان قىلغان باياناتى، ھاماسنى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى دەپ ئىزاھلىغان ھەمدە ئۇنى <قۇۋۋائىي مىللىيە> (يەنى تۈركىيەنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتى تەشكىلاتى) غا ئوخشاتقان ئېنىقلىمىسى، شۈبھىسىزكى بىزگە نىسبەتەن ۋە پەلەستىن خەلقىگە نىسبەتەن ئىپتىخارلىنىش مەنبەسىدۇر. تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ئورنى، رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق سىياسىتى، پەلەستىن دەۋاسىغا ۋە غەززەگە قاراتقان پوزىتسىيەسىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتىمىز. تۈركىيە خەلقىنىڭ غەززەدىكى قورشاۋنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ماۋى مارمارا پاراخوتىدا قانداق شېھىت قىلىنغانلىقى ۋە قانداق قۇربانلىقلارنى بەرگەنلىكى ھازىرمۇ ئېسىمىزدە» دېدى.

ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشتا ئىسرائىلىيەگە قاراتقان سودا چەكلىمىسىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەنىييە، بۇ قارارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس ماكانلىرىنى، بولۇپمۇ ئەلئەقسا مەسجىدى ۋە قۇددۇستىكى مۇقەددەس جايلارنى ئاياق ئاستى قىلغان زىئونىست دۈشمەنلەرگە قارشى سەل قارىغىلى بولمايدىغان مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىسمائىل ھەنىييە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ پەلەستىن دەۋاسىغا قارىتا پىكرىي، تارىخىي ۋە سىياسىي پوزىتسىيەسىگە مەدھىيە ئوقۇپ، «بىز ئەردوغاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا پەلەستىننىڭ خەرىتىسىنى كۆرسىتىپ، زېمىنىمىزنىڭ قانداق ئىشغال قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرگەنلىكىنى ۋە (ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق  پرېزىدېنتلىرىدىن) شىمون پېرېس قا قايتۇرغان جاۋابىنى ھېلىمۇ ئەسلەپ تۇرماقتىمىز» دېدى.

ئىسمائىل ھەنىييە غەززەنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بەزى تاللاشلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «غەززە پەلەستىنلىكلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. ھاماس غەززەنى باشقۇرۇشتا بىردىن بىر سۆز ئىگىسى بولۇشتا چىڭ تۇرمايدۇ. ئەمما بىز ئورتاقلىق ئاساسىدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرالايمىز ۋە غەززەنىڭ باشقۇرىلىشى توغرىسىدا كېلىشەلەيمىز.  بۇلار مىللىي مەسىلىلەردۇر،. غەززەدە، غەربىي قىرغاقتا ياكى ھەر ئىككىسىدە نە ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ، نە باشقىلارنىڭ ۋەزىيەتنى تەڭشىگۈچى بولىشىغا يول قويمايمىز» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ رافاھقا قاراتقان تەھدىتى توغرىسىدىمۇ توختالغان ئىسمائىل ھەنىييە: «بىز رافاھقا بېسىپ كىرىشتىن ئاگاھلاندۇرىمىز، چۈنكى بۇ پەلەستىن خەلقىگە قارشى چوڭ بىر قىرغىنچىلىققا يول ئېچىشى مۇمكىن. بىز بارلىق قېرىنداش دۆلەتلەرنى، مىسىردىكى ۋە تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى، مۇرەسسەچى قاتاردىكى قېرىنداشلىرىمىزنى شۇنداقلا ھەم  ياۋروپا دۆلەتلىرىنى (ئىسرائىلىيە) نىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى چەكلەشكە چاقىرىمىز. ھەم رافاھقا بېسىپ كىرىشىنى توسۇپ قىلىش ئۈچۈن، ھەم (ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى) نىڭ غەززەدىن تولۇق چىكىنىشى ۋە غەززەگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ ئاخىرىلىشىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمەن» دېدى.

ئىسمائىل ھەنىييە ھاماسنىڭ مۇزاكىرىلەردە ئېلاستىكىلىقنى نامايان قىلغانلىقىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ بولسا، مۇرەسسەسىز پوزىتسىيەدە بولغانلىلقىنى ئەسكەرتىپ، مۇزاكىرىلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قىلىشىنىڭ ۋە مەغلۇپ بولىشىنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ (ئىسرائىلىيەنىڭ) مۇرەسسەسىز پوزىتسىيەسىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر