ئىسرائىلىيەدە نامايىشلار داۋاملاشماقتا

ئىسرائىلىيە غەززەدە قەتلىئام يۈرگۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە دۆلەت ئىچىدە باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇغا بولغان غەزەپ – نەپرەتمۇ داۋاملاشماقتا.

2129798
ئىسرائىلىيەدە نامايىشلار داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى پايتەخت تېل ئاۋىۋدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇرۇش توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

نامايىشچىلار پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) نىڭ قولىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ بالدۇرراق ئۆيلىرىگە قايتىشىنى تەلەپ قىلدى.

نامايىشچىلار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىناسىنىڭ ئالدىدىن ئىسرائىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىشچىلار ئويۇشمىسى بىناسى بولغان ھىسداترۇتنىڭ مەركىزىگە قاراپ ماڭدى.

ئۇلار يول بويى «ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلايلى ياكى قوللاشقا ئېرىشىشىمىز كېرەك»، «دەرھال ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلسۇن» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكىلارنى كۆتۈرۈپ، ھىسداترۇتتىن ھۆكۈمەتنىڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىشى ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر