ئامېرىكا پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشىنى ۋېتو قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە پەلەستىننىڭ ب د ت غا تولۇق ئەزا بولۇشى تەلەپ قىلغىنان قارار لايىھەسىنى ۋېتو قىلدى.

2129711
ئامېرىكا پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇشىنى ۋېتو قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالجىرىيە تەرىپىدىن سۇنۇلغان ۋە پەلەستىننىڭ ب د ت غا تولۇق ئەزا بولۇشى تەلەپ قىلىنغان قارار لايىھەسى 15 ئەزادىن تەشكىل تاپقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رەت قىلىپ ئاۋاز تاشلىغان بۇ قارار لايىھەسىنى 12 ئەزا قوللاپ ئاۋاز بەردى، ئىككى ئەزا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

ئەنگلىيە بىلەن شىۋېيتسارىيە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، رۇسىيە، خىتاي، فىرانسىيە، ئالجىرىيە، مالتا، ئېكۋادور، گۇيانا،  سىلوۋېنىيە، سېررالېيون، موزامبىك، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە  قوللاپ ئاۋاز بەردى.

قارارلايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسىدىن ھېچقايسىسىنىڭ رەت قىلىپ ئاۋاز بەرمەسلىكى ۋە جەمئىي 9 ئەزا قوبۇل قىلىپ بېلەت تاشلىشى كېرەك ئىدى.

قارار لايىھەسىنىڭ تېكىستىدىن «پەلەستىننىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە تولۇق ئەزا سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ»  ئىبارىسى ئورۇن ئالغانىدى.

پەلەستىن 2011-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تولۇق ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تولۇق قوللاشقا ئېرىشەلمىگەنىدى. پەلەستىن 2012-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «دائىمىي كۈزەتكۈچى ئەزاسى» سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنىدى.

پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى رىياد مەنسۇر، 2-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسقا مەكتۇپ يوللاپ، ئەزالىق ئىلتىماسىلىرىغا قايتا قاراپ چىقىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

باش كاتىپ ئانتونىيو گۇتېررېس 3 – ئاپرېل كۈنى (2024) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە مەكتۇپ يوللاپ، پەلەستىننىڭ تەلىپىنى كۈنتەرتىپىگە قويۇشنى تەلەپ قىلغانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 8 – ئاپرېل (2024) پەلەستىننىڭ تەلىپىنى «يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش كومىتېتى» غا يوللىغانىدى.

ب د ت غا ئەزا بولۇش مەسىلىسىدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە جاۋاب قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بولغان كومىتېت، ئىككى يىغىندىن كېيىن بىردەكلىك ھاسىل قىلىنالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، ئالجىرىيە پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى مەسىلىسى توغرىلىق مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر