ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدۇ

ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە، ئىران ئىسىرائىلىيەگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغاندىن كېيىن، رايون مۇقىملىقىغا زىيان سالغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئىراننىڭ يەتتە پۇقراسىغا ۋە ئالتە ئورگىنىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2129681
ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ 13-ئاپرېل ئىسىرائىلىيەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىغا جاۋابەن، ئامېرىكا بىلەن تەڭ ماسلىشىپ ئىران ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئېمبارگولارنىڭ ئىراننىڭ رايون مۇقىملىقىغا زىيان سېلىش ئىقتىدارىغا چەكلىمە قويىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئېمبارگو قويۇلغان ئورگانلار ۋە كىشىلەر ئارىسىدا ئىران ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتابى، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر دېڭىز قىسمىنىڭ گېنېرالى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد رىزا ئاشتىياننىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.

ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن كىشىلەرگە ساياھەت چەكلىمىسى قويۇلىدىغانلىقى، مال-مۈلۈكلىرىنىڭ توڭلىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە 1-ئاپرېل ئىراننىڭ دەمەشىقتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ كونسۇلخانا بىناسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرىنىڭ ئىككى گېنېرالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەن. ھۇجۇمدا يەنە سۈرىيە پۇقراسى ئالتە كىشىمۇ جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

ئىران بۇنىڭ دۆلەت زېمىنىغا ھۇجۇم قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئىسىرائىلىيە بولسا، ئىراننىڭ ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىران 13-ئاپرېل كېچىدە ئىسىرائىلىيەگە قارىتىپ يۈزلەرچە ئۇچقۇ ۋە ئونلارچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى. نەتىجىدە، ئىسىرائىلىيەنىڭ بەزى ھەربىي بازىلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىسىرائىلىيە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھاۋا قالقان سىستېمىسى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغانلىقىنى، جەنۇبتىكى ھەربىي بازىغا بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر