ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن كەلكۈندە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

ئافغانىستاننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا شىددەتلىك ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن كەلكۈندە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 70 كە، يارىلانغانلار سانى 56 گە چىقتى.

2129559
ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن كەلكۈندە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارەسىنىڭ باياناتچىسى جانان سائەق كەلكۈن سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 70 كە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 56 گە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ يەنە، كەلكۈندە 2500 دىن ئارتۇق ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى، 2 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 9500  گېكتاردىن ئارتۇق دېھقانچىلىق ئېتىزىنىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

مېتېرولوگىيە ئىدارەسى تۆت كۈن بويىچە يامغۇر ياغىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئافغانىستاندا قىش ئايلىرىدا ياغقان قارلارنىڭ ھاۋانىڭ ئىسسىشى بىلەن ئېرىشى ۋە شىددەتلىك ياغقان يامغۇر نەتىجىسىدە يۈز بېرىدىغان كەلكۈن ئاپىتى، ھەر يىلى يۈزلەرچە كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولماقتا.

ئافغانىستاندا ئۇل-ئەسلىھەلەرنىڭ يېتەرسىز بولۇشىمۇ، يۈز بەرگەن ئاپەتلەردە ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ كۆپ كۆرۈلۈشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر