شولز: تۈركىيە ئەزەلدىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك شېرىك

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز تۈركىيەنىڭ ئەزەلدىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك شېرىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2129730
شولز: تۈركىيە ئەزەلدىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك شېرىك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئولاف شولز بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، گېرمانىيەنىڭمۇ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، يىغىنىدا تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باشلىقلار يىغىنىدا ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىنىڭ ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان شولز: «تۈركىيە ئەزەلدىن مۇرەككەپ، ئەمما چوقۇم مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك شېرىك. بۇ نۇقتا، بىز بىرلىكتە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۈچۈن كۈچكە ئىگە. شۇڭا، بىز كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشىمىز كېرەك. ياخشى ھەمكارلىق ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن» دېدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى بۇنىڭ تاموژنا ئىتتىپاقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇھىم بولغان كۆچمەنلەر مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقتا كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

قىبرىس مەسىلىسىنى ياخشىلاش يولىدا قەدەم تاشلاشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن شولز، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) رەھبەرلىكىدىكى مۇرەسسە سۆھبىتىنى جانلاندۇرۇشقا چاقىرغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ يىغىندا چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر