گوللاندىيە: تۈركىيە بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتلەر ئىنتايىن مۇھىم

گوللاندىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى مارك رۇتتې تۈركىيە بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەم گوللاندىيە ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2129223
گوللاندىيە: تۈركىيە بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتلەر ئىنتايىن مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى مارك رۇتتې ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە رايوندا تەسىرى كۈچلۈك دۆلەت، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى سايىسىدا مۇھىم سىياسىي كۈچ، شۇنداقلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ ئىتتىپاقدىشى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە، ئىقتىساد ۋە كۆچمەنلىك قاتارلىق كۆپلىگەن ئوخشىمىغان ساھەلەردە مۇھىم ھەمراھ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.»

رۇتتې ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتلەر ھەم گوللاندىيە ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر