ئاۋستىرالىيەدە بىر ئەسكەرنىڭ ھۇجرىسىدىن ئۇران تېپىلدى

ئاۋستىرالىيەدە بىر گازارمىدا بىر ئەسكەرنىڭ ھۇجرىسىدىن ئۇران تېپىلدى.

2128113
ئاۋستىرالىيەدە بىر ئەسكەرنىڭ ھۇجرىسىدىن ئۇران تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىدنېي شەھىرىگە جايلاشقان خولسۋايت گازارمىسىدا بىر ئەسكەرنىڭ ھۇجرىسىغا بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى ۋە تەكشۈرۈشتە ئاز مىقداردا ئۇران قولغا چۈشۈرۈلدى.

ئاۋستىرالىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ABC) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتتا، مەزكۇر خەتەرلىك ماتېرىيالنىڭ ئۆيدىن چىقىرىلغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئارمىيەنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقى تەكىتلەندى.

تەكشۈرۈش جەريانىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن «ئاز مىقداردىكى ئۇران» نىڭ بىخەتەر جايغا يۆتكەلگەنلىكى ۋە ئەسكەرنىڭ بۇ ماددىنى توردىن سېتىۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر