ئىسىرائىلىيە: ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا جاۋاب بېرىلىدۇ

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى خېرزى خالېۋى ئىراننىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2128131
ئىسىرائىلىيە: ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا جاۋاب بېرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى خېرزى خالېۋى كان (KAN) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىراننىڭ جىددىي ۋەزىيەتنى ئۇلغايتىشى بىلەن غەززەنىڭ ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «ئىران تۇنجى قېتىم ئۆز زېمىنى ئىچىدىن بىۋاستە ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىن ئۆتۈپ كەتتى. بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك، دەپ ئويلايمەن» دېدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىرانغا قىلىنىدىغان ھۇجۇم ئېھتىمالى ئۈچۈن تەييارلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ئەمما ھۇجۇمنىڭ قايسى شەكىلدە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.

ئۇ ئىرانغا قارشى سۈيىقەست ھەرىكەتلىرى ياكى كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇملىرى قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنىمۇ رەت قىلمىدى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، خېرزى خالېۋى ئىراننىڭ 13-ئاپرېلدىكى (2024) ھۇجۇمىدا چوڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغان نېۋاتىم ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى زىيارەت قىلغاندا: «ئالدىمىزغا قارايمىز، تاشلايدىغان قەدەملىرىمىز ئۈستىدە ئويلىنىمىز، بۇنچىۋالا كۆپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلارنىڭ ئىسىرائىلىيە زېمىنىغا قارىتىپ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ بىر جاۋابى بولىدۇ» دېگەن.

ئىسىرائىلىيە 1-ئاپرېل (2024) ئىراننىڭ سۈرىيە پايتەختى دەمەشىقتىكى ئەلچىخانا بىناسىنى بومباردىمان قىلىپ، يەتتە ئىرانلىقنى ئۆلتۈرگەن ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ ئىككى گېنېرالى بار ئىدى.

ئىران بۇنىڭ دۆلەت زېمىنىغا ھۇجۇم قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئىسىرائىلىيە بولسا، ئىراننىڭ ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىران 13-ئاپرېل كېچىدە ئىسىرائىلىيەگە قارىتىپ يۈزلەرچە ئۇچقۇ ۋە ئونلارچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى. نەتىجىدە، ئىسىرائىلىيەنىڭ بەزى ھەربىي بازىلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىسىرائىلىيە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھاۋا قالقان سىستېمىسى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغانلىقىنى، جەنۇبتىكى ھەربىي بازىغا بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر