ئىران ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا تېخىمۇ كۈچلۈك جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە توختالغاندا، «تېز سۈرئەتتە»، «تېخىمۇ كۈچلۈك» ۋە «تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە» جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2128172
ئىران ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا تېخىمۇ كۈچلۈك جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تەسنىم ئاگېنتلىقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد كامېرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد كامېرونغا، ئىراننىڭ ھەپتە ئاخىرى ئىسىرائىلىيەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ «قانۇنلۇق ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى» رامكىسىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، رايوندىكى كىرىزىسلارنىڭ تېگىدە، ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرلىك سىياسىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئونمىڭلارچە پۇقرانى ئۆلتۈرگەن ھۇجۇملىرىنى ئەنگلىيەنىڭ قوللىغانلىقىنى تەنقىدلەپ: «يېقىنقى ئالتە ئايدا بىگۇناھ غەززە خەلقىنىڭ بېشىغا يۈز مىڭلارچە توننا بومبا ياغدۇرۇلۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراننىڭ ب د ت ئەھدىنامەسىنىڭ 51-ماددىسىغا ئاساسەن قانۇنلۇق ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى رامكىسى ئىچىدە، ئىسىرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىك ئورۇنغا قىلغان ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇمىغا قايتۇرغان ئىنكاسىدىن ئەندىشە قىلىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ» دېدى.

ئۇ تېل ئاۋىۋنىڭ ئىران زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى ئۈستىدە توختالغاندا بولسا: «ئىران رايون ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىشىنى خالىمايدۇ، ئەمما ئىسىرائىلىيە جېدەل چىقارسا <تېز سۈرئەتتە>، <تېخىمۇ كۈچلۈك> ۋە <تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە> جاۋاب بېرىمىز» دېدى.

ئىسىرائىلىيە 1-ئاپرېل (2024) ئىراننىڭ سۈرىيە پايتەختى دەمەشىقتىكى ئەلچىخانا بىناسىنى بومباردىمان قىلىپ، يەتتە ئىرانلىقنى ئۆلتۈرگەن ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ ئىككى گېنېرالى بار ئىدى.

ئىران بۇنىڭ دۆلەت زېمىنىغا ھۇجۇم قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئىسىرائىلىيە بولسا، ئىراننىڭ ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىران 13-ئاپرېل كېچىدە ئىسىرائىلىيەگە قارىتىپ يۈزلەرچە ئۇچقۇ ۋە ئونلارچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى. نەتىجىدە، ئىسىرائىلىيەنىڭ بەزى ھەربىي بازىلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىسىرائىلىيە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھاۋا قالقان سىستېمىسى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغانلىقىنى، جەنۇبتىكى ھەربىي بازىغا بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىسىرائىلىيە ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى خېرزى خالېۋى كان (KAN) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىراننىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر