ئىسرائىلىيە 50 كۈندىن بۇيان قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى قىزىلئاي خادىمىنى قويۇپ بەردى

پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇس شەھىرىدە 50 كۈندىن بۇيان قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى خادىمىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2127852
ئىسرائىلىيە 50 كۈندىن بۇيان قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئىككى قىزىلئاي خادىمىنى قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى ئىسىرائىلىيە ئىككى ئايدىن بۇيان قاماقتا تۇرۇۋاتقان ئىككى خادىمىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ 50 كۈن ئىلگىرى خان يۇنۇستىكى ئەمەل دوختۇرخانىسىدىن يارىلانغانلارنى تارقاقلاشتۇرۇۋاتقان جەرياندا تۇتقۇن قىلغان ئىككى نەپەر جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى خادىمىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ھازىرمۇ قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ باشقا ئالتا نەپەر خادىمنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن خەۋەر يوقلۇقى ئەسكەرتىلدى.

پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتى فېۋرال (2024) دا ئەمەل دوختۇرخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنغان يەتتە خادىمنىڭ 28 - مارتتا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززە رايونىغا قىلغان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا ئاز دېگەندە 14 مىڭ 500 كىچىك بالا ۋە 9 مىڭ 560 ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 33 مىڭ 729 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى ۋە 76 مىڭ 371 كىشى يارىلاندى. ھازىرمۇ بىنا خارابىلىكلىرى ئاستىدا مىڭلىغان كىشىنىڭ جەسىتى بارلىقى مەلۇم.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى خەلق پاناھلانغان دوختۇرخانا ۋە مائارىپ ئورگانلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ،  ئاممىۋى ئۇل- ئەسلىھەلەرنى ۋەيران قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر