ئافغانىستاندا ئارقىمۇ ئارقا كەلكۈن يۈز بەردى
ئافغانىستاندا يېقىنقى ئۈچ كۈندە ئارقىمۇ ئارقا يۈز بەرگەن كەلكۈن سەۋەبىدىن 33 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى موللا جانان سائىك ئاخبارات ئېلان قىلىپ، يېقىنقى ئۈچ كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن كەلكۈندە فاراھ، ھىرات، زابۇل ۋە قەندەھار ۋىلايەتلىرىدە ئەڭ كۆپ ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ 21 ۋىلايەتتە كەلكۈن يۈز بەرگەنلىكىنى، سائىك ۋىلايىتىدە 33 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، 27 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 200 تۇياق چارۋا مالنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 600 دىن ئارتۇق ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى ۋە 200 گېكتار دېھقانچىلىق ئېتىزىنىڭ پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئافغانىستاندا قىش پەسلىدە ياغقان قارنىڭ ھاۋانىڭ ئىسسىشى نەتىجىسىدە ئېرىشى، يامغۇر يېغىشى ۋە ئۇل-ئەسلىھەلەرنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن كەلكۈن ئاپەتلىرى كۆپ يۈز بېرىدۇ. بۇ تۈپەيلى ئافغانىستاندا ھەر يىلى يۈزلەرچە كىشى جېنىدىن ئايرىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سىلوۋېنىيە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىدۇ
سىلوۋېنىيەنىڭ 13-ئىيۇنغىچە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش توغرۇلۇق قارار چىقىرىشى كۈتۈلمەكتە.
ئافغانىستان ساقچىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئافغانىستان بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ساقچى قازا قىلدى، بەش ساقچى يارىلاندى.