G7 دۆلەت گۇرۇھى ئىراننى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، كانادا، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيەدىن تەشكىللەنگەن G7 دۆلەت گۇرۇھى، ئىراننىڭ ئىسىرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

2127750
G7 دۆلەت گۇرۇھى ئىراننى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: G7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەھبەرلىرى نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ئىتالىيەنىڭ تەلىپى بىلەن، ئىراننىڭ ئىسىرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە سىنلىق تور يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندىن كېيىن خىتابنامە ئېلان قىلىندى.

خىتابنامەدە مۇنداق دېيىلدى:

«G7 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىراننىڭ ئىسىرائىلىيەگە قىلغان بىۋاستە ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ئىران ئىسىرائىلىيەگە يۈزلەرچە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى، ئىسىرائىلىيە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ھۇجۇمنى توسۇپ قالدى. ئىسىرائىلىيە خەلقى، دۆلىتى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدىمىز ۋە تولۇق قوللايمىز. ئىسىرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كۈچلۈك ئىرادىمىزنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىمىز. ئىراننىڭ ھۇجۇمى رايوندا ئەسلىدىنلا جىددىي بولغان ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى. ئىراننىڭ رايوندىكى ھۇجۇملىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئىراننىڭ رايون ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇقىمسىزلاشتۇرىدىغان ھەرىكەتلىرىگە قارشى قوشۇمچە تەدبىرلەرنى ئېلىشقا تەييارمىز.»

G7 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى غەززەدىكى كىرىزىسنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېز مىشېل ئېكس (X) ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، « G7 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ئىراننى ئەيىبلىگەنلىكىنى ۋە بارلىق تەرەپلەرگە سالماق بولۇشنى چاقىرىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.»

ئۇ 17-18-ئاپرېل كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتپاقى رەھبەرلەر يىغىنىدا، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر