ئىران ئىسرائىلىيەگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسى ھۇجۇم ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان.

2127352
ئىران ئىسرائىلىيەگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ (1-ئاپرېلدا) ئىراننىڭ دەمەشىقتىكى كونسۇلخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا جاۋابەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 51 - ماددىسىىغا بىنائەن ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى دائىرىسىدە، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى رايونلاردا تۇرۇشلۇق ھەربىي نىشانلىرىغا ھۇجۇم باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

باياناتتا: «ئىران ئۆزىنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە تاجاۋۇزچىلارنى جازالاش مەقسىتىدە زىئونىست تېررورلۇق قىسىملىرىنىڭ ئىشغاليىتى ئاستىدىكى رايونلاردا تۇرۇشلۇق مۇھىم ھەربىي نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات ئىقتىدارىغا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك زەربە بېرىپ بىتچىت قىلدى» دېيىلدى.

باياناتتا ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ياردەملىرىگە قاراتقان ھالدا: «تېررورىست ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق قوللاش ۋە قاتنىشىشنىڭ ئىران قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قەتئىي ۋە پۇشايمان قىلىدۈرغۇچ جاۋابى بىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىگە ئامېرىكا جاۋابكاردۇر ۋە ئەگەر ئىسرائىلىيە توسۇپ قىلىنمايدىكەن، ھەم تېل ئاۋىۋ، ھەم ۋاشىنگتون ھەر ئىككىسى بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇرت بولىدۇ» دېيىلدى.

ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسى ئامېرىكا ياكى ئىسرائىلىيەگە ۋاكالىتەن ھەر قانداق دۆلەتتىن كېلىدىغان تەھدىت مەنبەلىرىگىمۇ جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ھەر قانداق تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە قانۇنسىز قورال ئىشلىتىشلەرگە قارشى ئىراننىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى <IRNA> ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسىنىڭ ئىسرائىلىيەگە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى بولسا، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى جەنۇبىتىكى بىر ھەربىي بازىغا ئازراق زىيان يەتكەنلىكىنى ۋە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئىراندىن 200 دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ئىسرائىلىيەگە) قويۇپ بېرىلدى. تەھدىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىسرائىلىيە ھاۋا ساھەسى سىرتىدا توسۇۋېلىندى» دېدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تېل ئاۋىۋدا بىر يەرگە جەم بولغان ئۇرۇش كابىنېتى ئىران باشلىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كابىنېتىنىڭ ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش كابىنېتىغا ھوقۇق بەرگەنلىكى ۋە بۇ ھوقۇق بىلەن ئىرانغا قايتۇرۇلىدىغان جاۋابقا مۇناسىۋەتلىك قارار چىقىرىش جەريانىنىڭ تېخىمۇ تېز ۋە ئاسان بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر