ئانتونىيو گۇتېررېس ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئۆزىنى بېسىۋىلىشقا چاقىردى.

2127365
ئانتونىيو گۇتېررېس ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىغا ئالاقىدار يازما باياناتىدا، «ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قاراتقان ھەر تەرەپلىمە ھۇجۇمىدىن كېلىپ چىققان ئېغىر جىددىيچىلىكنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. بۇ دۈشمەنلىكلەرنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىمەن» دېدى.

گۇتېررېس يېقىنقى ھۇجۇملار بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى جىددىيچىلىكنىڭ رايونغا كېڭىيىپ كېتىشتەك ئېغىر خەۋپى بارلىقىنى تەكىتلەپ: «ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئوتتۇرا شەرقتە نۇرغۇن ئۇرۇش مەيدانى يارىتىش خەۋپى بولغان قەدەملەردىن ساقلىنىشقا ۋە ئۆزلىرىنى بېسىۋىلىشقا چاقىرىق قىلىمەن» دېدى.

گۇتېررېس نە ئوتتۇرا شەرقنىڭ، نە دۇنيانىڭ يېڭى بىر ئۇرۇشنى كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر