خىتاي ئىران ۋە ئىسرائىلىيەنى ئوتتۇراھال بولۇشقا چاقىردى

خىتاي ئىران ۋە ئىسرائىلىيەنى ئوتتۇراھال بولۇشقا چاقىردى ۋە ئوتتۇرا شەرقتە توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇرۇشنىڭ دەرھال ئاخىرلاشتۇرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

2127383
خىتاي ئىران ۋە ئىسرائىلىيەنى ئوتتۇراھال بولۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىر قىسىم دۆلەتلەر ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ۋە تەرەپلەرنى مۆتىدىللىككە چاقىردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە خەپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X دىكى يازمىسىدا: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قاراتقان قوبۇل قىلغۇسىز ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر جىددىيچىلىكتۇر، رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىتتۇر» دېدى.

ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناكمۇ X ھېساباتىدىكى يازمىسىدا: «ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان پەرۋاسىزلارچە ھۇجۇمىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيمەن. ئىران يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ ئارقا باغچىسىغا مالامانچىلىق ئۇرۇقىنى تېرىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى» دېدى.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېفان سېجورنى ۋە گوللاندىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى مارك رۇتتېمۇ ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قاراتقان ھۇجۇمىنى ئەڭ كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ مەسئۇلىيەتسىز ۋە ھېچ بىر شەكىلدە يوللۇق ھېسابلانمايدىغان ھۇجۇم بىلەن ئىران رايوندا كەڭ كۆلەملىك ئوت ئاپىتى خەۋىپى ياراتماقتا» دېدى.

دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لارس لوككې راسمۇسسېنمۇ ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى «مۇقىملىقنى بۇزۇش رولى» نى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىلوۋېنىيە، نورۋېگىيە، ئاۋىستىرىيە، چېخ ۋە پولشامۇ ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىتالىيە ۋە بېلگىيەمۇ بۇ ئۆزگىرىشلەرنى دىققەت ۋە ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باش كاتىپى جاسىم مۇھەممەد ئەل بۇدەۋىي يازما باياناتىدا، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان ھەر قانداق جىددىيچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرقايسى تەرەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەلىك مۆتىدىللىققا چاقىردى.

بىرازىلىيە، ۋېنېزۇئېلا، مېكسىكا ۋە خىتايمۇ ئىران ۋە ئىسرائىلىيەنى ئوتتۇراھال بولۇشقا چاقىردى ۋە ئوتتۇرا شەرقتە توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇرۇشنىڭ دەرھال ئاخىرلاشتۇرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر