ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەدىن ئۆچ ئېلىش ئېھتىماللىقى بارلىق دۆلەتلەرنى جىددىيلەشتۈردى

ئىسرائىلىيە 1 – ئاپرېلدا ئىراننىڭ دەمەشىقتىكى كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن تېھراننىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەش بارلىق دۆلەتلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.

2127264
ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەدىن ئۆچ ئېلىش ئېھتىماللىقى بارلىق دۆلەتلەرنى جىددىيلەشتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ قۇددۇستا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىپ، خىزمەتچىلەر ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ مەركىزىي رايون سىرتىغا چىقماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

ئەنگىلىيەمۇ پۇقرالىرىغا ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىغا بارماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى. ئەنگىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، لىۋان ۋە سۈرىيە چېگراسىغا، غەززە رايونى ئەتراپىدىكى رايونلارغا، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا ۋە غەززەگە بارماسلىق تەۋسىيەسىگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

فىرانسىيەمۇ پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىران، لىۋان، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن زېمىنىغا بېرىشتىن قەتئىي ساقلىنىشقا چاقىردى. ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى دىپلوماتلار ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ قايتىپ كېلىش خىزمىتىنى باشلاش ۋە ئىرانغا رەسمىي ۋەزىپىگە يوللاشنى توختىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ پۇقرالىرىنى ئىران، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىنگە بارماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى ھەمدە ئىراندا تۇرۇشلۇق پۇقرالىرىنىڭ ئىراندىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى. بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىمۇ توختىتىشنى قارار قىلغان گېرمانىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى <Lufthansa> بۇ قارارنىڭ 18 - ئاپرېلغىچە ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاۋىستىرىيە ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىمۇ 18 - ئاپرېلغىچە ئىرانغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى توختاتتى. ئىران، ئىراق، لىۋان ۋە ئىسرائىلىيەگە ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىراندا تۇرۇشلۇق پۇقرالىرىغا چېگرادىن چىقىپ كېتىشنى تەۋسىيە قىلدى.

گوللاندىيە ھۆكۈمىتىمۇ پۇقرالىرىغا «ئىسرائىلىيەگە جىددىي ساياھەت قىلىشنى كېچىكتۈرۈش» نى تەۋسىيە قىلدى.

قاتار، بەھرەيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ پۇقرالىرىدىن ئىسرائىلىيە ۋە غەربىي قىرغاقتىن دەرھال ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ھىندىستانمۇ پۇقرالىرىغا ئىران ۋە ئىسرائىلىيەگە ساياھەتكە بارماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى.

ئىسرائىلىيە 1 - ئاپرېلدا ئىراننىڭ دەمەشىقتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانا قورۇسىدىكى كونسۇلخانا بىناسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ھۇجۇمدا ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسىنىڭ 2 گېنېرالىنى قوشقاندا، جەمئىي 7 كىشى قازا قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر