پىتنىچى سالۋان مومىكا شىۋىتسىيە ساقچىلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى

نورۋېگىيەدە پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمىغان ۋە 2 ھەپتە تۈرمىدە ياتقان قۇرئان كۆيدۈرۈش پىتنىچىسى سالۋان مومىكا شىۋىتسىيە ساقچىلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

2127192
پىتنىچى سالۋان مومىكا شىۋىتسىيە ساقچىلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋىتسىيە ساقچىلىرى باياناتىدا مومىكادىن كېرەكلىك باياننامىلار ئېلىنغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مومىكا شىۋىتسىيە «تېز يوللانما» گېزىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن باياناتىدا: «مېنىڭ 16 – ئاپرىلغا قەدەر شىۋىتسىيەدە ۋاقىتلىق تۇرۇش رۇخسىتىم بار، ئىقامىتىمنىڭ ۋاقتى توشقاندا، بۇ يەردىن يەنە پاناھلىق تىلەيمەن» دېدى.

پىتنىچى مومىكا ئۆزىنىڭ نورۋېگىيەدە ئىككى ھەپتە تۈرمىگە سولانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ: «مەن نورۋېگىيىگە كېلىشىمگىلا قولغا ئېلىندىم، يانفونۇم تاتىۋېلىندى ۋە مەن يالغۇز كىشىلىك كامېرغا تاشلاندىم. نورۋېگىيەدە قۇرئاننى كۆيدۈرمەيدىغانلىقىمنى بىلدۈرگىنىمگە قارىماستىن، ئۇلار مېنىڭ بىخەتەرلىك خەۋىپى يارىتىدىغانلىقىمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاناھلىق ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى» دېدى.

مومىكا نورۋېگىيەدە يالغۇز كىشىلىك تۈرمىدە يېتىۋاتقان چاغلاردا ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كامېردا يانفونى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ خەۋەرگە ئارىلىشالمىغانلىقىنى ھەمدە نورۋېگىيەدىن قاتتىق  ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

شىۋىتسىيە كۆچمەنلەر ئىشخانىسى 2023 - يىلى ئۆكتەبىردە مومىكانىڭ 2024 -يىلى 16 - ئاپرېلغىچە ئىشلەش ۋە تۇرۇش رۇخسىتى بارلىقىنى ھەمدە 16 - ئاپرېلدىن كېيىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىتنىچى مومىكا بۇ قارارغا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ، دېلونى كۆچمەنلەر سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئىدى.

كۆچمەنلەر سوت مەھكىمىسىمۇ مومىكانىڭ ئىقامەت ئىلتىماسىدا يالغان ئۇچۇر بەرگەنلىكىنى، شۇڭا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مومىكا كېيىن بۇ قارارغا قارشى كۆچمەنلەر ئالىي سوتىغا ئەرز سۇنغان ئىدى.

شىۋىتسىيە كۆچمەنلەر ئالىي سوتىمۇ 27 - مارتتا كۆچمەنلەر سوت مەھكىمىسىنىڭ مومىكا ئۈچۈن ماقۇللىغان چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارىنى تەستىقلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئالىي سوتنىڭ قارارىدىن كېيىن شىۋىتسىيەدىن ئايرىلغان ۋە 28 - مارتتا نورۋېگىيەگە بېرىپ پاناھلىق تىلىگەن پىتنىچى مومىكا قولغا ئېلىنغان ۋە تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر