جو بايدىن ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەدىن ئۆچ ئېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن 1 - ئاپرېلدا ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى باش ئەلچىخانا تۇرالغۇسىدىكى كونسۇلخانا بىناسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەدىن ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمىنىڭ «ھەر ۋاقىت» يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقسارايدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش جەريانىدا بايدىندىن ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلىدىغان ئېھتىماللىق دائىرىسىدىكى ھۇجۇمى توغرىسىدا سوئال سورالدى.
بايدىن ئىراننىڭ قانچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنلىكىگە دائىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «ئىشەنچلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىشنى خالايمەن، ئەمما مېنىڭ مۆلچەرىمچە ھەر قانداق ۋاقىتتا يۈز بېرىشى مۇمكىن» دېدى.
بايدىن ئىراننى ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ: «بىز ئۆزىمىزنى ئىسرائىلىيەنى قوغداشقا ئاتىدۇق. بىز ئىسرائىلىيەنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيمىز. ئىسرائىلىيەنى قوغداشقا ياردەم قىلىمىز، ئىران مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېدى.
ئىسرائىلىيە 1 - ئاپرېلدا ئىراننىڭ دەمەشىقتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانا تۇرالغۇسىدىكى كونسۇلخانا بىناسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان ۋە ھۇجۇمدا ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىەت قىلىش قىسىملىرىدىن 7 كىشى قازا قىلغان ئىدى.
ئىران رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانىي ئىسرائىلىيەنىڭ دەمەشىقتىكى ئىران كونسۇلخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ ئىران زېمىنىغا ھۇجۇم قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئىپلاس ھاكىمىيەت بىر خاتالىق سادىر قىلدى، چوقۇم جازالىنىشى كېرەك ۋە جازلىنىدۇ» دېگەن ئىدى.