ئىران ئىسرائىلىيەدىن ئۆچ ئېلىشنىڭ يوللۇق قوغدىنىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان ئىراننىڭ دەمەشىقتىكى كونسۇلخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن، ئىسرائىلىيەدىن ئۆچ ئېلىشقا «يوللۇق قوغدىنىش» دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2127024
ئىران ئىسرائىلىيەدىن ئۆچ ئېلىشنىڭ يوللۇق قوغدىنىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئابدۇللاھىياننىڭ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننېلېنا بائېربوك بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، بېرلىننىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىش چاقىرىقىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى جاكارلىدى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئابدۇللاھىيان: «گېرمانىيەنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىز بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى، گېرمانىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقاندا بىتەرەپ تۇرالماسلىقىدىن ئىزدەش كېرەك» دېگەن.

ئۇ يەنە، دۆلىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ 1-ئاپرېلدا دەمەشىقتىكى ئىران كونسۇلخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا قايتۇرغۇسى ئىنكاسى ھەققىدە توختىلىپ: «ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتى خەلقئارا قانۇن، ۋىيېننا ئەھدىنامىسى، ئىنسانلار ۋە دىپلوماتىك ئورۇنلارنىڭ چېقىلالماسلىق ھوقۇقى قاتارلىقلارنى پۈتۈنلەي دەپسەندە قىلغان ئەھۋاللاردا، ھۇجۇمچىنى جازالاش يوللۇق قوغدىنىش ئۈچۈن شەرتتۇر» دېگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دىكى ۋاكالەتخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن، ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، جاۋابكارلارنى سوتلاش يولىدا قەدەم تاشلىغان بولسا ئىدى، <ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەنى جازالاش ئېھتىياجى قالمىغان بولاتتى>» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىسرائىلىيە 1-ئاپرېل ئىراننىڭ دەمەشىقتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ كونسۇلخانا بىناسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ئىران ئىنقىلاب  مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرىنىڭ ئىككى گېنېرالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەن. ھۇجۇمدا يەنە سۇرىيە پۇقراسى ئالتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر