شىۋېيتسارىيە ئۇكرائىنا تىنچلىق يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ

شىۋېيتسارىيە فېدېراتىپ ھۆكۈمىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇكرائىنا تىنچلىق يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2126777
شىۋېيتسارىيە ئۇكرائىنا تىنچلىق يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېيتسارىيە فېدېراتىپ ھۆكۈمىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ كەڭ دائىرىلىك، ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن <ئۇكرائىنا تىنچلىق يىغىنى> ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

«يىغىن تىنچلىق مۇساپىسىگە باشلامچى بولالايدىغان زۆرۈر شارائىت ھازىرلاندى» دېيىلگەن باياناتتا، يىغىننىڭ مەقسىتىنىڭ دۆلەتلەر ئارا  <ئۇكرائىنادا تىنچلىق ئورنىتىش> ئورتاق تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

يىغىننىڭ ئىيۇندا شىۋېيتسارىيەنىڭ بۇرگېنستوك بازىرىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ پىلانلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شېۋىتسارىيە پايتەختى بېرندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي 15-يانۋار شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسى رەئىسى ۋىئولا ئامخېرد بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شىۋېيتسارىيە بىلەن بىرلىكتە تىنچلىق يىغىنى تەييارلىقلىرىنى 16-يانۋاردا باشلايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.

زېلېنسكىي يىغىنغا پەقەت ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭلا تەكلىپ قىلىنىدىغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ سۆھبەتكە قاتناشمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر