ھاماس رەھبىرىنىڭ ئۈچ ئوغلى بىلەن تۆت نەۋرىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئىسرائىلىيە روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن،  ئەششاتىئ مۇساپىرلار لاگېرى ئاھالىسى ۋە تۇغقانلىرى بىلەن ھېيتلىشىشقا بارغان ھەنىييە ئائىلىسىنىڭ ماشىنىسىغا ھۇجۇم قىلدى.

2126711
ھاماس رەھبىرىنىڭ ئۈچ ئوغلى بىلەن تۆت نەۋرىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئەششاتىئ مۇساپىرلار لاگېرىدا كېتىۋاتقان بىر ماشىنىغا قىلغان ھۇجۇمىدا پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماسنىڭ سىياسىي بىيۇروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ ئۈچ ئوغلى بىلەن تۆت نەۋرىسى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  ئىسرائىلىيە روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن،  ئەششاتىئ مۇساپىرلار لاگېرى ئاھالىسى ۋە تۇغقانلىرى بىلەن ھېيتلىشىشقا بارغان ھەنىييە ئائىلىسىنىڭ ماشىنىسىغا ھۇجۇم قىلغان.

ھاماس بايانات ئېلان قىلىپ،  ھەنىييە ئائىلىسىنىڭ لاگېر ئاھالىسى ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن يولغا چىققان ماشىنىدىكى ئەزالىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ قازا قىلغانلىقى،  يەنە بەزىلىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى قورقۇنچاقلارچە سادىر قىلىنغان قەبىھ ھۇجۇمدا، ھەنىييەنىڭ ھازىم، ئەمىر ۋە مۇھەممەد ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بىلەن مۇنا، ئەمەل، خالىد ۋە رەززان ئىسىملىك نەۋرىلىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ ھاماس ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنى بوشاشتۇرالمايدىغانلىقى؛ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى تاۋلايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

بۇ جەرياندا، ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرى ئولتۇرغان ماشىنىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتى ئەلجەزىرە قانىلىدا ئېلان قىلىندى.

«بالىلىرىمنىڭ شېھىت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىمەن» دېگەن ھەنىييە، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بالىلىرىم غەززەدە تۇردى ۋە غەززەدىن ئايرىلمىدى. خەلقىمىزنىڭ ھەممىسى بالىلىرىنىڭ قېنى بىلەن نۇرغۇن بەدەل تۆلەۋاتىدۇ؛ مەنمۇ ئۇلارنىڭ بىرى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ رەھبەرلەرنىڭ بالىلىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلىش ئارقىلىق پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرىمىز دەپ ئويلاپ قالغانلىقىنى، ئەمما تۆكۈلگەن بۇ قانلارنىڭ پەلەستىن زېمىنىغا بولغان ساداقەتنى مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەنىييە: «ئائىلەمنىڭ 60 قا يېقىن ئەزاسى ئۇرۇشتا شېھىت بولدى؛ ئۇلار بىلەن خەلقىمىزنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. تۆلىگەن بەدەللىرىمىزنىڭ قانچىلىك ئېغىر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىسرائىلىيەنىڭ پۇرسەتپەرەستلىكلىرىگە باش ئەگمەيمىز، يول قويمايمىز» دېدى.

ئۇ يەنە «ئىسرائىلىيەنىڭ مۇساپىرلارغا تولغان رەفاھ شەھىرىنى ئىشغال قىلىش تەھدىتى پەلەستىن خەلقىنى ۋە  قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قورقۇتالمايدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر