ئامېرىكا: ئىسىرائىلىيە رەفاھقا ھۇجۇم قىلىش ۋاقتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەر پاناھلىنىۋاتقان غەززەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان رەفاھ شەھىرىگە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىش ۋاقتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

2126372
ئامېرىكا: ئىسىرائىلىيە رەفاھقا ھۇجۇم قىلىش ۋاقتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماتتېۋ مىللېر كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ رەفاھ ھەربىي ھەرىكىتى ئۈچۈن ۋاقىت بېكىتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى باياناتى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزلىرىگە مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «رەفاھتا پاناھلىنىۋاتقان 1.4 مىليون پۇقراغا مۇناسىۋەتلىك بىخەتەر پىلاننىڭ سۇنۇلغانلىقىنى كۆرمىدۇق. كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت پۇقرالارغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئاخىرىدا ئىسىرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى خەتەرگە ئىتتىرىدۇ. ئىسىرائىلىيەگە رەفاھتا قالغان ھاماسنى يىڭىش ۋە قانۇنلۇق نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بىر يول بار، دەپ ئويلايدىغانلىقىمىزنى ئېنىق يەتكۈزدۇق» دېدى.

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىش ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ، ۋاقتى بېكىتىلدى» دېگەن ئىدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوۋ گاللانت تۈنۈگۈن (8-ئاپرېل) ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ زور خانىۋەيرانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇستىن جەنۇبتىكى رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىش مەقسىتىدە چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر