لى چياڭ بىلەن جەنېت يېلىن بىر-بىرىگە زىت نۇقتىلارنى تەكىتلىدى

خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جەنېت يېلىنغا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سودا مەسىلىلىرىنى، سىياسەت بىلەن خەۋپسىزلىك تېمىسى قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

2125980
لى چياڭ بىلەن جەنېت يېلىن بىر-بىرىگە زىت نۇقتىلارنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى يېلىن بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشتى. ئۇ يېلىننىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم ماددىلار بولغان خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرى ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق بىر قىسىم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كېتىش ئەندىشەسى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ئىقتىساد ۋە سودا مەسىلىلىرىنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلماسلىقى كېرەكلىكى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«بىز ئامېرىكانىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مەسىلىسىگە بازارنى ئاساس قىلغان ھالدا دۇنياۋى نۇقتىدىن ئوبيېكتىپ ۋە دىئالېكتىكىلىق قارىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

لى فامىلىلىك ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مۇقىم، سىيلىق ۋە ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق ئۈچۈن ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش يوللىرىنى تېپىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىگە دۈشمەن ئەمەس، شېرىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى يېلىن 4-ئاپرېل باشلىغان خىتاي زىيارىتىدىكى ئۇچرىشىشلىرىدا، خىتايدا توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق يېڭى ساھەلەرگە دۆلەتنىڭ قوللىشى ئاستىدا سېلىنغان مەبلەغلەر نەتىجىسىدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ، يەر شارىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بۇ ساھەلەردىكى دۆلەتنىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك قوللىشى خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىدۇ ۋە دۇنيا بازىرى بىر تەرەپ قىلالمايدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يارىتىپ، ئەرزان ئېكسپورت ئارقىلىق باھانى تۆۋەنلىتىپ، ئادالەتسىز رىقابەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىلا ئەمەس، بەلكى بۇ ساھەدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولغان ھىندىستان ۋە مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېدى.

ئۇ بۇ ساھەدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ رايون ۋە دۆلەت قاتلىمىدىكى مەركەزلىشىشىنىڭ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنىمۇ ئاجىزلىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر