ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 33 مىڭدىن ئاشتى

غەززەگە ئۆلۈم ياغدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 25-مارتتىكى ئۇرۇش توختىتىش قارارىغا بويسۇنماي، ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2125641
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 33 مىڭدىن ئاشتى
gazze.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 33 مىڭدىن، يارىلانغانلار سانى 75 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

سەھىيە خىزمەتلىرى ۋە داۋالىنىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشەلمىگەن غەززەلىكلەر ئازاب-ئۇقۇبەت تارتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. رەفاھ شەھىرىدىكى بىر قىسىم دوختۇرخانىلار يېڭى كەلگەن بىمارلارنى داۋالاش ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم قالماقتا. رەفاھتىكى بۆرەك كېسەللىكلىرى بىمارلىرى دوختۇرخانىلاردا ئورۇن بولمىغاچقا، يېقىن ئەتراپتىكى بىر توي زالىغا يۆتكەلدى.

غەززەدە خەلقئارالىق ياردەم بېرىش ئورگانلىرى خادىملىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بەس-مۇنازىرەلەرمۇ داۋاملاشماقتا؛ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسرائىلىيە خەلقئارا ياردەم ئورگىنىنىڭ يەتتە خىزمەتچىسىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن يىغىن چاقىرىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى تەنقىدلىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى جاۋابكارلىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفېتسىرنى خىزمەتتىن بوشاتتى. ئەمما، ئىسرائىلىيەنىڭ ئوڭچىل ئېقىمدىكى مىنىستىرى بېن گۋىر ئىشتىن بوشىتىشقا قارشى تۇرۇپ: «خاتالىق سادىر قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئەسكەرلەرنى سوتلىماسلىق كېرەك» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ياردەم خادىملىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىسىدىكى دوكلاتنى «يېتەرلىك»دەپ قارىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى: «بىزنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش پىلانىمىز يوق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر