يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار نېتانياھۇ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلدى

ئىسىرائىلىيەدە يۇقىرى دەرىجىلىك 28 ئەمەلدار باش مىنىستىر نېتانياھۇ ئۈستىدىن ئالىي سوتقا ئەرز قىلدى.

2125144
يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار نېتانياھۇ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كالكالىست (Calcalist) ئىقتىساد تورى باش مىنىستىر نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىپ، سۇنۇلغان ئەرزنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، ئىقتىسادشۇناس، تېخنولوگىيە مۇتەخەسسىسى ۋە ئاكادېمىكلاردىن تەشكىل تاپقان يۇقىرى دەرىجىلىك 28 ئەمەلدار، نېتانياھۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئەرزىنى ئالىي سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرغان.

ئەرزدە، نېتانياھۇنىڭ «ئۇرۇشتا دۆلەت مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ ھەرىكەت قىلىش» مەسئۇلىيىتى بىلەن، «پارا ئېلىش، قويمىچىلىق قىلىش ۋە ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەنگەن دەۋالارنى كېچىكتۈرۈش» كە ئوخشاش شەخسىي مەنپەئەتلىرى ئوتتۇرىسىدا قالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئەرزدە يەنە، «نېتانياھۇنىڭ ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان بىر قانچە قېتىم ئۇرۇش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان چىرىكلىككە مۇناسىۋەتلىك سوتنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى» ئالاھىدە تەكىتلەندى ۋە باش مىنىستىرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

نېتانياھۇ چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن شەرقىي قۇددۇس رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر