ناتو ئۇكرائىنانى يېڭى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ
ناتو ئۇكرائىنانى رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىدىن قوغدىنىشى ئۈچۈن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو ئۇكرائىنانى رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىدىن قوغدىنىشى ئۈچۈن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر قارار ناتو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم جەريانىدا چىقىرىلدى.
ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دمىترى كۇلېبا ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، «ئىتتىپاقداشلار ۋەزىيەتنىڭ تەخىرسىزلىكىنى بىلىدۇ. كۇلېبا ئامېرىكانىڭ <ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئىتتىپاقداشلار قايتقاندىن كېيىن، قورال ئامبارلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئۇكرائىنانى تېخىمۇ كۆپ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىمكانىيەتلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىغا قاراپ چىقىدۇ. <ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. ئەلۋەتتە يەنە، ئۇكرائىنانىڭ قولىدىكى سىستېمىلار ئۈچۈنمۇ ئوق-دورا ۋە قوشۇمچە زاپچاسلار بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېدى.
ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلېبا: «ناتونىڭ <تۇغۇلغان كۈنى> دە بىئارام قىلىشنى خالىمايتتىم، ئەمما ئۇكرائىنالىقلارنىڭ رۇسىيەنىڭ دۆلىتىمىزگە قىلىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرى توغرىسىدىكى ئېنىق ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىمنى ھېس قىلدىم. 4-ئاپرېل كېچىسى خاركىۋدا رۇسىيە ئۇچقۇلىرىنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە، تۇرالغۇ بىنالىرى ۋە ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى بار بىر بىنا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، بىر قانچە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 350 مىڭ كىشىنىڭ توكى ئۈزۈلۈپ قالدى» دېدى.