ئامېرىكادىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرى بايدىننى غەززە سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى
ئامېرىكادىكى 80 ئاممىۋى تەشكىلات ۋاشىنگتوننىڭ غەززە سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، پىرېزىدېنت جو بايدىندىن ئامېرىكانىڭ غەززەگە قاراتقان كونكرېت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلدى.
2124862
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ غەززە سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە؛ ئامېرىكانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا قۇرۇلغان مۇسۇلمانلارنىڭ 80 ئاممىۋى تەشكىلاتى ۋەكىللىرى، پىرېزىدېنت جو بايدىنغا مەكتۇپ يوللاپ، ئىسرائىلىيەگە يېڭىدىن قورال سېتىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.