رۇسىيە فىرانسىيەنى ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىش مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېباستىيان لېكورنۇغا، ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتكەن تەقدىردە بۇنىڭ فىرانسىيەگە مەسىلە پەيدا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

2124597
رۇسىيە فىرانسىيەنى ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىش مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر شويگۇنىڭ فىرانسىيەنىڭ «چىڭ تۇرغان تەلىپى» بويىچە فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېباستىيان لېكورنۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، لېكورنۇنىڭ پايتەخت موسكۋادىكى «كروكۇس خول سىتى» (Crocus Hall City) كونسېرت زالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا تەزىيەسىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لېكورنۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا دۆڭگەپ، ئۇكرائىنا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئارىلاشمىغانلىقىغا قايىل قىلىشقا ئۇرۇندى» دېيىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ چوقۇم ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ۋە جاۋابكارلارنىڭ جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، تېررورلۇق ھۇجۇمىنى تەشكىللەشتە ئۇكرائىنانىڭ قولى بارلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، سېرگېي شويگۇنىڭ فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېباستىيان لېكورنۇغا، «كىيېۋ ھۆكۈمىتى غەربنىڭ تەستىقى بولماي تۇرۇپ، ھېچقانداق ئىش قىلالمايدۇ. بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا فىرانسىيە ئىستىخباراتىنىڭ يوق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئۇكرائىنا مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان باياناتتا، «سېرگېي شويگۇ ئېلىسې سارىيىنىڭ فىرانسىيە ھەربىي قىسىملىرىنى ئۇكرائىناغا ئەۋەتىش ھەققىدىكى بايانلىرىغا قارىتا، ئەگەر بۇ ئەمەلىيەتكە ئايلانسا، بۇ فىرانسىيەنىڭ ئۆزى ئۈچۈن مەسىلە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېيىلدى.

فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا بولسا، مىنىستىر لېكورنۇنىڭ كونسېرت زالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇغا، «فىرانسىيەنىڭ قولىدا بۇ ھۇجۇم بىلەن ئۇكرائىنانى باغلاشقا سەۋەب بولىدىغان ھېچقانداق ئۇچۇرنىڭ يوقلۇقى» نى ئېيتىپ، رۇسىيەدىن بۇ ئەھۋالنى سۈيىئىستېمال قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

22-مارت (2024) ، موسكۋادىكى «كروكۇس خول سىتى» كونسېرت زالىدا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمىدا، 143 ئادەم جېنىدىن  ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر