ئامېرىكا دەمەشىقتىكى ئىران كونسۇلخانا بىناسىغا قىلىنغان ھۇجۇم بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتىكى ئىران كونسۇلخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

2123912
ئامېرىكا دەمەشىقتىكى ئىران كونسۇلخانا بىناسىغا قىلىنغان ھۇجۇم بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ «ئاكسىيوس» ناملىق خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى باياناتچىسى ئاكسىيوسقا بايانات بېرىپ، «ئامېرىكانىڭ ھۇجۇمغا ئارىلاشمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن ئالدىن خەۋەرمۇ تاپمىغانلىقى»نى تېھرانغا بىۋاسىتە بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ دەمەشىقتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ كونسۇلخانا بىناسىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ھۇجۇمدا بىرىگادا كوماندىرى مۇھەممەد رىزا زاھىدى ۋە بىرىگادا كوماندىرى مۇھەممەد ھادى ھەج رەھىمى قاتارلىق 7 ئەمەلدارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتى بولسا، ئىراننىڭ دەمەشىقتىكى كونسۇلخانا بىناسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر